ھىندىستاندىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1100 گە يەتتى

ئىسسىقتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تېلانگانا ۋە ئاندرا پرادېش ئۆلكىلىرىدىكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە ئۆي – ماكانسىز كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.

290817
ھىندىستاندىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1100 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بەزى جايلاردا تېمپىراتورا 48 گە چىقتى. پىژغىرىم ئىسسىق ئەۋجىگە چىققان رايونلاردىكى دوختۇرخانىلار ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر ۋە سۇسىزلىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بىلەن تولۇپ تاشتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار، خەلقنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئۆي – ماكانلىرىدىن چىقماسلىققا ۋە سۇيۇقلۇق ئىستىمالىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چاقىرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر