دائېشنىڭ نىشانى ئىشقا ئاشامدۇ - قانداق؟

ئامېرىكىلىق پىروفېسسور ئاندىرېۋ باجىۋىچ: «دائېش پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى ياكى ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى خەلىپىلىك قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق بۇ نىشانى ئىقتىدارىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. نۇرغۇنلىغان پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ھازىر ئىراق، مىللەتچىلىك ۋە مەزھەپچىلىك ئاساسىدا پارچىلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا» دېدى.

291330
دائېشنىڭ نىشانى ئىشقا ئاشامدۇ - قانداق؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق پىروفېسسور ئاندىرېۋ باجىۋىچ، مەزھەپ توقۇنۇشلىرىنىڭ زوراۋانلىقنى ياقىلايدىغان ئاشقۇن كۈچلەردىن باشقا ھېچ كىشىگە مەنپەئەتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
پىروفېسسور روبېرت ئولسۇن بولسا، «ئىراقتىكى شىئە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرانغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىشى گۇمانلىق. ئامېرىكا مەزھەپ توقۇنۇشىنى ھايات - ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە  ئەندىشە قاتارىدا كۆرمەيۋاتىدۇ» دېدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ئاندىرېۋ باجىۋىچ، «دائېش پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى ياكى ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى خەلىپىلىك قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق بۇ نىشانى ئىقتىدارىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ» دېدى.
ئاندىرېۋ باجىۋىچ، 2003 – يىلدىن بۇيان ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئىراققا نىسبەتەن دائېش تەرىپىدىن داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتنىڭ ھالاكەتلىك بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلەپ: «ھازىر ئىراق، ئىرق ۋە مەزھەپ ئاساسىدا پارچىلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا» دېدى. ئۇ مەزھەپ توقۇنۇشلىرىنىڭ ھېچ كىشىگە مەنپەئەتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭ ئۈمىدىم شۇكى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراندىكى سوغۇققان مەسئۇللار مەزھەپ توقۇنۇشلىرىنىڭ زوراۋانلىقنى ياقىلايدىغان ئاشقۇن كۈچلەردىن باشقا ھېچ كىشىگە مەنپەئەتى يوقلۇقىنى تونۇپ يەتكەي، نۇرغۇنلىغان پاكىتلار ھازىر ئىراقنىڭ مىللەتچىلىك ۋە مەزھەپچىلىك ئاساسىدا پارچىلانغان ئەھۋالدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېدى.
پىروفېسسور باجىۋىچ ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ 11 – سېنتەبىر ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىردىن باشلاپ خاتا يۈزلىنشتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تۈزۈكرەك بىر ئىستراتېگيەسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە: «ۋەقەلەرگە قايتۇرۇلۇۋاتقان ئىنكاسلار، ناچار ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىشتىنلا ئىبارەت بولماقتا» دېدى.
ئىراقتىكى شىئە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرانغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىشى گۇمانلىق
كېنتاكىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور روبېرت ئولسونمۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا: «دائېشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر ئالدىن تەخمىنىم يوق، مېنىڭ قارىشىمچە، ئىراق ئۇرۇشى مەزھەپ ئۇرۇشى سۈپىتىدە باشلانمىغان ئىدى، بىراق كېيىن شۇ تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىدى. بۇ ئۇرۇش نەتىجىسدە، ئىراق تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى» دېدى.
پىروفېسسور روبېرت ئولسون سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«ئەگەر باغدادتىكى شىئە ھاكىمىيىتى ئىراقتا كونتىروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەقىل ھالدا داۋاملاشتۇرالايدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشنى خالايدىغان بولسا، ئىرانغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىشى لازىم. ئەمما، بۇنداق قىلىشى گۇمانلىق. بۇنى ئامېرىكا ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىرچە شىئە مەزھىپى ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇنلىغان ئورگانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان كۈچتەك قىلىدۇ، تۈركىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.»
پىروفېسسور روبېرت ئولسون ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىراقتىكى مەزھەپۋازلىق ۋە ھەر خىل ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ رەقىپلىرىگە قارشى ئېلىپ بارىدىغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ دىن ۋە ئىدېئولوگىيەنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا مەزھەپ توقۇنۇشىنى ھايات - ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەندىشە قاتارىدا كۆرمەيۋاتىدۇ
پىروفېسسور روبېرت ئولسون باياناتىدا: «ئامېرىكا ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مەزھەپ توقۇنۇشىنى ھايات - ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەندىشە قاتارىدا كۆرمەيۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى گېئوپولىتىكلىق ۋە گېئو-ئىقتىسادىي ئەندىشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مۇقىملىقنى ئىزدىمەكتە. شۇنداق بولغاندىلا رايوندىكى خەلقئارالىق گېئوپولىتىكا ۋە گېئو - ئىقتىساد قايغۇلىرى مۇمكىن قەدەر ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن بولىدۇ» دېدى.
ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ۋە خىزمەتلەر مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئاتونىي كوردېسمان بولسا، ئىراقتا رامادىنىڭ قولدىن كېتىشى ۋە دائېشنىڭ يېڭى رايونلارغا ئىگە بولۇشى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشقا ماس كەلگۈدەك قۇرۇلمىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىگە قاراشلىق رامادى شەھىرى دائېشنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەرنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن شىئە قوراللىق كۈچلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
2006 – ۋە 2007 – يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قارشى قاتتىق قارشىلىق يۈز بەرگەن ۋە نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى سۈننىيلەردىن تەشكىل تاپقان رايوننىڭ دائېشنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە قارىتا ۋاشىنگتوندىمۇ «ئېغىر زەربە» دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر