ئى ش ئى د سۈرىيەدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د ئىراق بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش لىنىيەسىنى ئۈزۈۋەتتى.

284376
 ئى ش ئى د سۈرىيەدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مەركەزلىك سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش كومىتېتى، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشىدىن كېيىن ئى ش ئى د نىڭ ئىران بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى ئۆتۈش ئېغىزى بولغان ئەل ۋالىد چېگرا ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيە بىلەن ئىراقتا ئى ش ئى د نىشانلىرىغا 18 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. ھۇجۇملاردا ئى ش ئى د گە ئائىت تۇنېللار، ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار ۋە تاكتىكا قىسىملىرى نىشان قىلىندى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2014 – يىلى 5 – 6 نويابىر كۈنلىرى سۈرىيەدە خوراسان گۇرۇپپىسى ئىشلىتىدىغان بىر بىناغا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇملاردا ئىككى نارىسىدە بالىنىڭمۇ ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى، بىناغا يېقىن جايدىكى ئىككى كىشىنىڭمۇ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا، ھۇجۇمدىن كېيىن بىنادا بالىلارنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر