«خىتاي  ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلامچى ئىسيانلارغا دۇچ كەلمەكتە»

«مۇستەقىل» گېزىتىنىڭ ژۇرنالىستى كىم سېگۇپتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە ماقالە يېزىپ، رايوندا ۋەزىيەت ۋە خەتەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

284183
«خىتاي  ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلامچى ئىسيانلارغا دۇچ كەلمەكتە»

بىرىتانىيەدە چىقىدىغان «مۇستەقىل» گېزىتىنىڭ ژۇرنالىستى كىم سېگۇپتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە ماقالە يېزىپ، رايوندا ۋەزىيەت ۋە خەتەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى دائىرىسىدە رايوندا ساقال،چۈمبەل ۋە ھىلال شەكىللىك مايكا قاتارلىقلار چەكلەنگەن. ماقالىدا ئورۇن ئالغان بەزى جۈملىلەر تۆۋەندىكىچە: «خەلقئارا خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن ئاستىلاش، خىتاي بىلەن ئاسىيالىق قوشنىلىرى ئوتتۇرىسىدا دېڭىزلاردا يۈز بېرىۋاتقان سۈركىلىشلەر ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كوممۇنىست پارتىيەنىڭ خەلقئارالىق تۇزاقلىرىغا مەركەزلەشكەن بىر پەيتتە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تاشقى دۇنياغا ناھايىتى ئاز بىلدۈرۈلىۋاتقان بىراق بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان ‹ئىسلامچى ئىسيان› ۋە توقۇنۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2013-يىلى 130 بولغان بولسا، بۇلتۇر 400دىن ئاشقان.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ‹تۇنجى زەربە تېررورچىلارغا بولىدۇ› دېدى. كەينىدىنلا ئۇيغۇر ئېلىدا بېسىم سىياسىتى تېخىمۇ كۈچەيدى، دىنى ئىبادەتلەرگە زور چەكلىمىلەر قويۇلدى، ئوقۇغۇچىلارغا رامزاندا مەجبۇرىي تاماق يىگۈزۈلدى. ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بىئارام بولىۋاتقان ئىشلاردىن بىرى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا سەلدەك ئېقىپ، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشىدۇر. ئۇيغۇرلار ئەڭ ياخشى ئىشلارنى خىتايلارنىڭ مونوپۇل قىلىۋاتقانلىقىدىن نازارى بولماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ‹ئىسيانلارنى› قانلىق باستۇرۇشى خىتاي دۆلىتىنىڭ تەسىر دائىرىسى ۋە نوپۇزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئافغانىستان، تايلاند، كامبودژا ۋە مالايشىياغا قاچقان ئۇيغۇرلارنى بۇ دۆلەتلەردىن تەلەپ قىلدى ۋە بۇ تەلەپلىرى قوبۇل قىلىندى.
ئەسلىدە ئافغانىستان بىلەن پاكىستاندىكى ۋەقەلەر ئۇيغۇر ئېلىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بېجىڭ دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتىكى بەزى ‹ھەربىي لاگېرلاردا› ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر