ياۋروپا مۇرسىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇھەممەد مۇرسى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

279117
ياۋروپا مۇرسىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى مىسىردا سابىق پىرىزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، مەزكۇر قارارنىڭ ئالىي سوت مەھكىمسىنىڭ قارار بىلەن بېكار قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سوت مەھكىمىسى كوللىكتېپنى سوتلاش ئەسناسىدا ھەممىگە بىراقلا ئۆلۈم جازاسى بېرۋەتتى، بۇ مىسىرنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە تامامەن زىتتۇر.»
موگېرىنى مىسىرنىڭ ئادىل سوت ۋە مۇستەقىل قارار ئۈچۈن مۇداپىئە ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۆلۈم جازاسى قارارىنىڭ رەھىمسىزلەرچە ۋە ئىنسانىي بولمىغان قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فېدېرىكا مورىگېنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆلۈم جازاسىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.
بۇ ئارىلىقا، دۇنيانىڭ مۇرسى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى ئەيىبلىگەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش مەنىسىگە كېلىدىغان بۇ باياناتلارنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز» دەپ بايانات بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر