تۈركىيە چېگرىسىغا تاجاۋۇز قىلغان سۈرىيە ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلد

تۈركىيە چېگرىسىغا تاجاۋۇز قىلغان سۈرىيەگە تەۋە بىر ئايروپىلان تۈرك ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى.

277841
تۈركىيە چېگرىسىغا تاجاۋۇز قىلغان سۈرىيە ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلد

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە چېگرىسىغا تاجاۋۇز قىلغان سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر تىكئۇچارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىنتېرنېت تور بېتىدە بايانات بېرىپ، سۈرىيەگە تەۋە بىر تىك ئۇچارنىڭ ھاتاينىڭ ئالتىنئۆزۈ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدا تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان F-16 تىپلىق ئايروپىلانىمىز بۇ ئىشقا دەرھال چارە كۆرۈپ، سۈرىيە ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىدى،»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر