ئوباما ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئىران توغرۇلۇق كۆرۈشىدۇ

باراك ئوباما ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئىران يادرو مۇزاكىرىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى توغرۇلۇق يىغىن چاقىرىدۇ.

270905
ئوباما ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئىران توغرۇلۇق كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزىدېنتى باراك ئوباما، ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 13-مايدا باشلىنىدىغان 2 كۈنلۈك ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئاقساراي ۋە كامپ دېيۋىد ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.
پىرىزىدېنت باراك ئوباما ئىران بىلەن ئۆتكەن ئاي ئۆتكۈزۈلگەن يادرو سۆھبەتلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى كېڭىشىش مەقسىتىدە ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلغانىدى.
پىرىزىدېنت باراك ئوبامانىڭ بۇ دائىرىدە بەھرەيىن، كۇۋەيت، ئۇممان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشمايدۇ.
ئۇممان سۇلتانلىقى بىلەن بەھرەيىندىمۇ ئەڭ ئۈستۈن ھوقۇقلۇق كىشى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلمايدۇ. ئالىي دەرىجىلىك يىغىندا مېھمان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ پىرىزىدېنت باراك ئوبامادىن يېڭى قورال-ياراغ، روكېت ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئوخشاش ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى تەلەپ قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئامېرىكا مەجلىسىدە ئىسرائىلىيە تەرەپدارلىرى بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، ئەرەبلەرگە قورال-ياراغ سېتىشنى ئازايتىش ياكى پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر