قىبرىس مۇزاكىلىرى 15-مايدا قايتىدىن باشلىنىدىغان بولدى

ب د ت باش كاتىپى ئالاھىدە ۋەكىلى قىبرىس مۇزاكىرىلىرىنىڭ 15-مايدا قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

270923
قىبرىس مۇزاكىلىرى 15-مايدا قايتىدىن باشلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئەكىجى بىلەن قىبرىس رىم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىياس ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئېسپېن بارت ئايدېنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى زىياپەتتە بىرگە بولدى.
بىتەرەپ رايوندا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ زىياپەتكە مۇزاكىرە ھەيئىتىدىن ئۆزدىل نامى بىلەن ئاندېرس ماۋورياننىسمۇ قاتناشتى. كۆرۈشۈشتە بۇلتۇر ئۆكتەبىردىن بۇيان توختىتىپ قويۇلغان مۇزاكىرە مۇساپىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلدى.
ئىككى سائەت داۋاملاشقان زىياپەتتىن كېيىن ئېسپېن بارت ئايدې بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇچرىشىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ مۇزاكىرىلەرنى ۋاقتىدا باشلاش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئايدې، 15-ماي جۈمە كۈنى قىبىرىس مۇزاكىرىلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئايدې بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا قىبىرىس مۇزاكىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۆنىلىشىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنىمۇ ئېيتتى.
«ھازىر تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا» دېگەن ئايدې، مەسىلىنىڭ ئىككى رەھبەرنىڭ قەتئىيلىكى ۋە غەيرىتى بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر