ب د ت تۈركىيە پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ب د ت ، لىۋىيە دېڭىزىدا بىر تۈرك كاپىتاننىڭ ئۆلۈمى، يەنە بىرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈركىيە يۈك پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

271042
ب د ت تۈركىيە پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت لىۋىيە گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ب د ت لىۋىيە گۇرۇپپىسى، لىۋىيەدىكى بارلىق ھەربىي ئاكتىيورلارنى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىشقا، توقۇنۇشلاردا پۇقرالار ۋە ئەسكىرىي بولمىغان نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلماسلىققا چاقىرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارھان ھاكمۇ، ئاق دېڭىزدىكى پۇقرالارغا قىلىنغان ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتنىڭ ‹ئەندىشە يارىتىدىغانلىقى› نى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يۈك پاراخوتىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈرك كاپىتاننىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيە ھارف كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ئىشتىن قايغۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «ھۇجۇمدا ئۆلگەن تۈرك كاپىتاننىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز. لىۋىيە مەسىلىسىدە، قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ب د ت ۋە ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ لىۋىيەدە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىقىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھۇجۇم توغرىسىدا «دىپلوماتىك خىزمەتلىرىمىزنى ئورۇندىدۇق. نارازىلىقىمىزنى بىلدۈردۇق ۋە ئولتىماتومىمىزنى ئەۋەتتۇق» دەپ بايانات بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر