ماكىدونىيەنىڭ شىمالىي كەسكىنلىشىپ كەتتى

ماكىدونىيەنىڭ شىمالىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 22 ئادەم ئۆلدى.

269641
ماكىدونىيەنىڭ شىمالىي كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىبانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ماكىدونىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كۇمانوۋا ناھىيەسىدە ساقچىلار بىلەن بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن جۈمە كۈندىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 22گە يەتتى.
توقۇنۇشلاردا 8 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا، 37 ساقچى يارىلاندى. ماكېدونىيە ھۆكۈمىتى ھاياتىدىن ئايرىلغان ساقچىلار ئۈچۈن 2 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى، موسكوۋا زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن پىرېزىدېنت گىئورگى ئىۋانو، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىردى.
باش مىنىستىر نىكولا گىرۇۋسكى توپىلاڭ كۆتۈرگەن قوراللىق كىشىلەرگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە دۆلەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان 40 جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن رايوندىن ئاھالىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى، رايوندىكى ۋەقەلەردە يەرلىك ئالبانلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كوسوۋا، ئۈسكۈپ ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر