ياۋروپا سايلاملارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە ھەيئەت ئەۋەتتى

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سايلاملارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە 11 كىشىلىك ھەيئەت ئەۋەتتى.

266878
ياۋروپا سايلاملارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە ھەيئەت ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەيئەت باشلىقى باش ئەلچى ھىرت ھىنرىھ ئارېنس ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
باش ئەلچى ئارېنس، تۈركىيە ئىلگىرىمۇ كۆپ ساندىكى دېموكراتىك سايلاملارغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىم كۆزەتكۈچىلەر سانىنىڭ بىرقانچە كىشى بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
دەسلەپكى قەدەمدە ئايرىم - ئايرىم 10 دۆلەتتىن 11 كۆزەتكۈچىنىڭ ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان باش ئەلچى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆزەتكۈچىلەر سانىنىڭ 18 گە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۆزەتكۈچىلەر 2 كىشىلىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سايلاملارنى كۆزىتىپ دوكلات ھازىرلايدىكەن.
ئالى سايلام كومىتېتى مەسئۇللىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىغان ھەيئەت، ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر