تۈركىيە لىيۇكسېمبۇرگنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە لىيۇكسېمبۇرگنى ئاتالمىش 1915-يىل ئەرمەنىي ۋەقەلىرى تۈپەيلى قاتتىق ئەيىبلىدى.

266742
تۈركىيە لىيۇكسېمبۇرگنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە لىيۇكسېمبۇرگ پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش 1915-يىل ئەرمەن ۋەقەلىرىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «لىيۇكسېمبۇرگ پارلامېنتىنىڭ تارىخىي ھەقىقەتلەر بىلەن قانۇننى بۇرمىلاپ بەرگەن ئاساسسىز ۋە يولسىز قارارلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە بۇنى قەتئىي رەت قىلىمىز.»
باياناتتا لىيۇكسېمبۇرگ پارلامېنتىنىڭ 1948-يىلدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «پارلامېنتلار ئۆزلىرىنى خەلقئارا مەھكىمىلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەر ھەققىدە ھۆكۈم بېرىشكە ئۇرۇنىدىغان بولسا، تارىخ بىلەن قانۇننى سۇيىئىستېمال قىلغان بولىدۇ.»
باياناتتا يەنە مۇنۇ ئىبارىلەرگە يەر ئاجرىتىلدى: «تۈركىيە ۋە ئەرمەنلەرگە ئورتاق بولغان تارىخنىڭ تىراگېدىيەلىك سەھىپىلىرىنى بىر-بىرىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئەسلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
تۈركىيەنىڭ لىيۇكسېمبۇرگدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لەۋەنت شاھىنكايا ئەنقەرەگە چاقىرتىلدى. 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر