بارزانى بايدىن بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشتى

ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانى ۋاشىنگىتون زىيارىتى دائىرىسىدە ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشتى.

264884
 بارزانى بايدىن بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، بارزانىنىڭ شەرىپىگە ناشتىلىق زىياپىتى بەردى.
ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەش ئىدى.
بايدىن، ئى ش ئى د گە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ۋە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ۋە ئىراق خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ماس قەدەمدە كۈرت پەشمەرگەلىرىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ياردەملىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي پىروگراممىسىدىكى ھالقىلىق نىشانلارنىڭ غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن باغداد بىلەن ئەربىل ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر