ئامېرىكا: دائېش رەھبەرلىرىنى پاش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېشنىڭ 4 رەھبىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 20 مىليون دوللار ئەتراپىدا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

263443
ئامېرىكا: دائېش رەھبەرلىرىنى پاش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئادالەت ئۈچۈن مۇكاپات» پىلانى دائىرىسىدە دائېش رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرراھمان مۇستاپا ئەلقادۇلى ئۈچۈن 7 مىليون دوللار، ئەبۇ مۇھەممەد ئەلئەدنانى ۋە تارقان تايۇمۇرازوۋىچ باتىراشۋىلى قاتارلىق ئىككى كىشىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن 5 مىليون دوللاردىن ۋە تارىق بىن ئەتتاھىر ئەلفالىھ ئەلئەۋنى ئەلھارزى ئۈچۈن 3 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قادۇلىنىڭ دەسلەپتە ئىراق ئەلقائىدەسىگە قېتىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دائېش ئەزاسى؛ ئەدنانىنىڭ دائېشنىڭ باياناتچىسى؛ باتىراشۋىلىنىڭ دائېشنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر قوماندانى ئىكەنلىكى، ھارزىنىڭ بولسا، تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي چېگرا رايونلىرىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر