بارزانى، ئوباما ۋە بايدىن دائېشقا قارشى كۈرەش توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا پىرېزىدېنت باراك ئوباما ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى.

263471
بارزانى، ئوباما ۋە بايدىن دائېشقا قارشى كۈرەش توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاجىزلىتىش ۋە يوقىتىپ تاشلاش يولىدىكى كۈرەش پىلانى تەشكىل قىلدى. ئىراق خەلقىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىراقتىكى بارلىق قاتلاملار ئارا ھەمكارلىق نى كۈچەيتىش يولىدىكى داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي خىزمەتلەرمۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى بولدى.

ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئوباما بىلەن بايدىننىڭ ئىراق ئاساسىي قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن پۈتۈن، فېدېراتىپ ۋە دېموكراتىك ئىراق قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى كەسكىن ۋەدىلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر