3-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى جەنۋەدە باشلاندى

3-قېتىملىق سۈرىيە تېمىلىق يىغىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوزغىلاڭچىلار ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن جەنۋەدە باشلاندى.

264141
3-قېتىملىق سۈرىيە يىغىنى جەنۋەدە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان سۈرىيە تېمىسىدىكى 3-قېتىملىق مۇزاكىرە خاراكتېرلىك مۇھاكىمە يىغىنى جەنۋەدە باشلاندى. يىغىنغا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوزغىلاڭچىلار تەرەپتىن بولۇپ 40 قا يېقىن ئادەم قاتناشتى.
ب د ت باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا، ئەھۋالدىن ھېچقانداق ئۈمىد بولمىسىمۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، ھازىرچە ئۇچرىشىشلارنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە ئۆزگەرتىلىپ-ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىستۇرا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن قايتا-قايتا كۆرۈشۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلايدىكەن.
دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) ۋە ئەل نۇسرا تەشكىلاتىدىن باشقا قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان جەنۋەدىكى يىغىننىڭ 6 -5 ھەپتە داۋاملىشىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ قېتىمقى يىغىنغا، 20 دۆلەت ۋە ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كۆزەتكۈچى ئەۋەتتى.
ئۈچ يىل بۇرۇن ئېچىلغان سۈرىيە تېمىسىدىكى جەنۋە يىغىنىدا، ئۇرۇش توختىتىش ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپ قىلىنغان خىتابنامە توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇرۇش تېخىمۇ شىددەتلىك تۈس ئالغان ھالدا داۋام قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دائېش پەيدا بولدى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يۇمشىدى.
مىتسۇرا جەنۋەدىكى يىغىن جەريانىدا، تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرى ئۈچۈن ئاساس بار-يوقلۇقىنى كۆزىتىدۇ. 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق سۈرىيە تېمىلىق جەنۋە يىغىنىدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر