ئاقساراي ھەجۋىي رەسىمگە قارشى چىققۇچىلارنى زوراۋانلار دەپ ئاتىدى

ئاق ساراي رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ ھەجۋىي رەسىمدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

261763
ئاقساراي ھەجۋىي رەسىمگە قارشى چىققۇچىلارنى زوراۋانلار دەپ ئاتىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەسۋىرلەنگەن ھەجۋىي رەسىممۇ بولغان كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن بىنانىڭ ئالدىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلار ھەققىدە ئاق ساراي بايانات بەردى.
ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بەزى كىشىلەر مەزكۇر ھەجۋىي رەسىمنىڭ ھاقارەت خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشۈپ، نارازىلىقلىرىنى زورۋانلىق قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىسە بولمايدۇ.»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزىدېنتى باراك ئوباماغا ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئېرنىست، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ ھاقارەت دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئىپادە شەكىللىرىدىن زواۋانلىقنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۇسۇلى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئامېرىكىدىلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيادا كۆرۈۋاتىمىز.»
جوش ئېرنىست ۋەقەنى تېز سۈرئەتتە بېسىقتۇرۇش ئارقىلىق «تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلمەسلىكى»گە توسالغۇ بولغان ساقچىلارنىڭ كۆرسەتكەن غەيرەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر