سېنېگال يەمەنگە 1200 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
سېنېگال سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا ئەسكەر ئەۋەتىدىغان بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە شىئە ھۇسىيھەرىكىتى بىلەن خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 18 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ توقۇنۇش باشلانغان بولۇپ، توقۇنۇشلاردا 100دىن ئارتۇق ئۆلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن يەمەندە ھازىرغىچە 1200 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ يەمەندە شىئە ھۇسىيلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا. پايتەخت سانئادىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بىر يۈك ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى.
ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئايروپىلانلار ئەدەن شەھىرىنى بومباردىمان قىلدى، بۇ ئارىلىقتا سېنېگال ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ يەمەندە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە 1200 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.