ئاپەت رايونىدىكى نېپاللىقلار ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە

نېپالدا مەيدانغا كەلگەن 7.9 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولدى...

259818
ئاپەت رايونىدىكى نېپاللىقلار ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 7040قا، يارىلانغانلارنىڭ سانى 14123 كە يەتتى، يەنە مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئىزدېرىكى يوق.

نېپالنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 28 مىليون بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى يەر تەۋرەشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى.

نپېالدا پەسىل يامغۇرلىرىنىڭ ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى، يەر تەۋرەشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان 600 مىڭ ئۆي – ماكاندىكى كىشىلەرنىڭ يامغۇردىن دالدىلانغۇدەك پاناگاھى يوق. كېرەكسىز سۇ يوللىرى ۋە ئىچىملىك سۈيى يوللىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ئەڭ جىددىي ئېھتىياجى پاكىز ئىچىملىك سۈيى بولۇپ قالماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، ئىچىملىك سۈيى ۋە مۇھىت تازىلىقىغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن تەقدىردە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ باش كۆتۈرۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىكىگىمۇ زەربە بەرگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسى ئەسناسىدا 12 سى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن جەمئىي 14 تارىخىي يادىكارلىق زىيانغا ئۇچرىدى.

دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەت رايونى بولغان ئېۋرېست تاغلىرىدىمۇ يەر تەۋرەش جەريانىدا تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

50 ئادەمنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان ئېۋرېست تېغىدا يەنە 200 ئادەمنىڭ ئىزدېرىكى يوق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر