كوسوۋادا مائارىپچىلار ئىش تاشلىدى

كوسوۋادا 26 مىڭ مائارىپچى ئىش تاشلىدى.

256693
كوسوۋادا مائارىپچىلار ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋادىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان 26 مىڭ مائارىپچى ئىش تاشلىدى.
مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ كوللىكتېپ كېلىشىمنامىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىش تاشلىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
مائارىپچىلار مائاشلاردىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تۈزىتىش، ئىشلەش ۋاقىتنى تەڭشەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيۇشما مەسئۇللىرى تەلەپلىرى ئورۇندالمىغان تەقدىردە ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مائارىپچىلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن باش مىنىستىر ئىسا مۇستافا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپلاردا ئەمەس كوچىلاردا بولۇشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىسا مۇستافا بۇ يىلقى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پەسىلىنىڭ ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مائارىپچىلارنى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر