خىتاي نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ يېقىنلىقىدىن بىئارام

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى (SDF) بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ھەمكارلىقى ئورنىتىلغانلىقىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق بىئارام بولماقتا.

255308
خىتاي نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ يېقىنلىقىدىن بىئارام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ "پىۋوت ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى" دائىرىسىدە ياپونيە بىلەن يېقىنلىشىشىنىڭ ئەسلىدە خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ يېقىنلىشىشى خىتاينى بىئارام قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى (SDF) بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ھەمكارلىقى ئورنىتىلغانلىقىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق بىئارام بولماقتا.
ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى تۈنۈگۈن (28-ئاپرېل) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن ئاقسارايدا ئالاھىدە قارشى ئېلىندى.
ئوباما شىنزۇ ئابىنى نورمالدا پىرېزىدېنت ياكى پادىشاھلارنى قارشى ئالغاندا ئۆتكۈزۈدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى. ئوبانىڭ بونداق ئالاھىدە پوزىتسىيە تۇتۇشى، شىنزۇ ئابىنىڭ زىيارىتىگە نەقەدەر زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.
تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئاكتىپ قەدەملەرنى تاشلىدى، ئەمما سىياسىي سىگناللارنى بېرىشنى خالاپ كەتمىدى.
شىزۇ ئابى ئامېرىكا پالاتاسىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولدى
ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابى بۈگۈن ئامېرىكا پالاتاسىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. شىنزۇ ئابى سۆزلەيدىغان نۇتۇقىنى تەييارلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چاقچاق قىلغان ئۇسلۇبتا ئاڭلاتتى. شىنزۇ ئابى ئامېرىكا پالاتاسىدا سۆزلەيدىغان نۇتۇقىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھەتتا ئايالى بىلەن ھۇجرىسىنى ۋاقتىنچە ئايرىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ئاگېنتلىقلىرى ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنلىشىشىدىن قاتتىق بىئارام بولماقتا 
ياپونىيە 18 - ئەسىردىن بۇيان تۈنجى قېتىم دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى يېڭىلاشقا يۈزلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى (SDF) ئارقىلىق ھەم رايوندا، ھەم خەلقئارادا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇشقا تىرىشماقتا.
خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە، «ۋاشىنگىتون دائىرىلىرىنىڭ سوقۇۋاتقان ھېسابى ئېنىق، ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىرىنى توسۇپ قىلىشنى خالايدۇ. ئامېرىكا «پىۋوت ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى» نى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياپونىيەنى ئىشقا سالماقتا. ئامېرىكا ئاسىيادا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا» دېيىلدى.
شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە يەنە، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. خىتاي رايوندا تىنچلىقنى ئاساس قىلغان يول سىزىشتا قەتئىي نىيەتكە ئىگە. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقى رايوندا شۇنچە تەستە قولغا كەلگەن ئىجابىي تەرەققىياتقا نۇقسان يەتكۈزىدۇ» دېگەن سۆزلەرگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ «خىتاينىڭ كۈچىيىشى رايونغا نىسبەتەن تەھدىت ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا «پىۋوت ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى» ئارقىلىق رايوننىڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى سالاھىيىتىگە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئاساسلىق نىشان قىلماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيە ئۇچۇر - ئالاقە مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى بېن رودېسمۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ بۇ نۇقتىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا، «شىنزۇ ئابىنىڭ زىيارىتى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تىرىشچانلىقلار دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر