قەرزاۋى تۈركىيەگە قارشى خەتەرلىك ئويۇنلار ئوينالماقتا، دېدى

قەرزاۋى ئاتالمىش 1915-يىل ۋەقەلىرى توغرۇلۇق تۈركىيەگە قارشى خەتەرلىك ئويۇنلار ئوينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

253346
قەرزاۋى تۈركىيەگە قارشى خەتەرلىك ئويۇنلار ئوينالماقتا، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئۇيۇشمىسى رەئىسى قەرزاۋى ئاتالمىش 1915-يىل ۋەقەلىرى توغرۇلۇق تۈركىيەگە قارشى خەتەرلىك ئويۇنلار ئوينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قەرزاۋى رەسمىي تور بېتىدا مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان، تەرەققىي تاپقان ۋە ئادىل دۆلەت بولغان تۈركىيەنى خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ئەخلاقىي رولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئېقىم ۋە گۇرۇھلارغا قارشى قوللايمىز.»
قەرزاۋى سۆزىدە تارىخنىڭ بۇرمىلىنىپ ئاتالمىش 1915-يىلى ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن ئەرمەنىلەرنىڭ سانىنىڭ مۇبالىغە قىلىنىۋېتىلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۆلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلىرىنىڭ مۇستەقىل تارىخچى ۋە ئىنساپلىق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىش ۋە چىققان نەتجىلەرنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلىنىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەلبىي ئىنكاس بىلدۈرۈلۈشى، بۇ ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئىلگىرى سۈرۈلگەن دەۋالارنىڭ يالغاندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتىدۇر.»
قەرزاۋى يەنە مۇنداق دېدى: «تارىخ ياۋروپا ئەسكەرلىرىنىڭ، ئەھلى سەلەب دەۋىردە قۇددۇس ۋە دەمەشىقتە ئېلىپ بارغان قەتلىئاملىرىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، ئەندۇلۇس مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان قەتلىئاملارمۇ تېخى ئېسىمىزدىن چىققىنى يوق. نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيا ئىسرائىلىيەنىڭ يۆلەنچىكسىز پەلەستىن خەلقىگە زۇلۇم قلىشىغا شاھىت بولماقتا.»
قەرزاۋى گۇانتانامو بىلەن ئەبۇ غۇرەيب تۇرمىلىرىدىن سىرت بىرما ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئاملارنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر