ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى يەمەن كىرىزىسىگىمۇ ئارىلشىۋالدى

ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى سۈرىيە كىرىزىسىگىمۇ ئەسەدنى قوللاپ ئارىلىشىۋالغان ۋە قۇراللىق مېلېتانلىرىنى سۈرىيەدە ئۇرۇشقا سالغان ئىدى.

240925
ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى يەمەن كىرىزىسىگىمۇ ئارىلشىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ ئارقىدىن ئەمدىلىكتە يەمەن كىرىزىسىگىمۇ ئارىلشىدىغان بولدى.
ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى رەھبىرى ھەسەن نەسرەللاھ يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان «قەتئىيلىك بورىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى ئېغىر سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلدى.
ھەسەن نەسرەللاھ لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا قوللىغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن ۋېدىئولۇق نۇتىقىدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقا بولدى.
ھەسەن نەسرەللاھ يەمەندىكى كىرىزىسنىڭ ھەربىي چارە بىلەن ئەمەس، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى لىۋاندا ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى قۇرۇلغان بىر تەشكلات بولۇشىغا قارىماستىن، سۈرىيە كىرىزىسىدىمۇ ئەسەدنى قوللاپ ئارىلىشىۋالغان ۋە قۇراللىق مېلېتانلىرىنى سۈرىيەدە ئۇرۇشقا سالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر