لىۋىيە مۇزاكىرىلىرى ۋاقىتلىق توختىتپ قويۇلدى

لىۋىيە مۇزاكىرىلىرى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاقىتلىق توختىتپ قويۇلدى.

239445
لىۋىيە مۇزاكىرىلىرى ۋاقىتلىق توختىتپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدىكى سىياسىي كىرزىسقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ماراكەشتە ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان مۇزاكىرىلەر توختىتپ قويۇلدى.
تىرابلۇس مەركەزلىك مىللىي ئومۇمىي كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ۋەكىلى سالىھ ئەل مەھزۇم، توبرۇك مەركەزلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ تىرابلۇس ئايرۇدۇرۇمىغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن مۇزاكىرىلەرنى توختىتىپ قويغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
تىرابلۇس ئەتراپىدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ۋە بەزى نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى لىئون، مۇزاكىرىلەر ئەسناسىدا لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەر قوبۇل قىلايدىغان تەرىقىدە بر پىرىزىدېنتلىق كېڭىشى ۋە پىرىزىدېنت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مەملىكەتلىك بىرلىك ھۆكۈمىتىى قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپ پىكىر ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
2011-يىلى مۇئەممەر قەززافى ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن سىياسىي مۇقىملىق ئىشقا ئاشماي كېلىۋاتقان لىۋىيەدە ئىككى قىسىم، ئىككى پارلامېنت ۋە ئىككى ھۆكۈمەت شەكىللەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر