دائېش بەيجى نېفىتلىكىگە قايتىدىن ھۇجۇم قىلدى

دائېش (ئى ش ئى د) نىڭ ئىراقنىڭ سالاھۇددىن ۋىلايىتىدىكى بەيجى نېفىتلىكىنى قايتىدىن قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 20 تېررورچى ئۆلدى.

235252
دائېش بەيجى نېفىتلىكىگە قايتىدىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نېفىتلىك دەرۋازىسىغىچە ئىلگىرىلىگەن تېررورچىلاردىن ئىككىسىنى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈردى، ئۈچىنچىسى بەدىنىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچلارنى پارتلاتتى. ۋەقەدە يەنە 17 تېررورچى ئۆلدى.

تەشكىلات ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىتلىكى ھېسابلىنىدىغان بەيجىنى ئىيۇل ئېيىدا قولغا كىرگۈزۈۋالغان بولۇپ، ئىراق ئارمىيەسى ئۇزۇن داۋاملاشقان كۈرەش نەتىجىسىدە نويابىر ئېيىدا نېفىتلىكنى قايتۇرۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى.

دائېش تەھدىتى باش كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى كۈندە 300 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان بەيجى نىفىتلىكى، يەرلىك ئېھتىياجنىڭ يېرىمىنى قامداپ كەلمەكتە ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر