ئامېرىكا رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى

ئامېرىكا 7 – ئاپرېل بالتىق دېڭىزى ھاۋا تەۋەلىكىدە بىر ئايروپىلانىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغانلىقى سەۋەبى بىلەن رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى.

235121
ئامېرىكا رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ « SU-27» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ رايوندا ئۇچۇۋاتقان « RC-135U» ئامېرىكا ئايروپىلانىغا سوقۇلىدىغان دەرىجىدە يېقىنلىشىشىنى «خەتەرلىك ۋە كەسپىي بولمىغان» ھەرىكەت دەپ ئېلان قىلدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك رايت بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھاۋادا كەسپىي بولمىغان ھەرىكەتلەر، ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بىر ئۇچقۇچىنىڭ دىققەت قىلماسلىقى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن» دېدى. ئۇ بالتىق دېڭىزىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تۈپەيلى پەيدا بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.
رۇسىيە بولسا، ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر