ئامېرىكا مىسىرغا 57 مىليون دوللارلىق قورال – ياراغ سېتىپ بېرىدۇ

ئامېرىكا مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاش مەقسىتىدە 57 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال – ياراغ سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

233571
ئامېرىكا مىسىرغا 57 مىليون دوللارلىق قورال – ياراغ سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مىسىرغا سېتىپ بېرىدىغان قوراللىرى ئىچىدە « Hellfire II» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زاپچاسلىرى بار بولۇپ، تېخنىكا خادىملىرى، تەلىم - تەربىيە ۋە ئارقا سەپ مۇلازىمەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىسىرغا قورال سېتىپ بېرىلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى مىسىرغا يېڭى تىپتىكى « Hellfire II» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ھەقتىكى باياناتتا، بۇ قارارنىڭ مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا، بۇ مەسىلىدە كونگرەگە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
كونگرە 30 كۈنگىچە بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، قارار ئۆزلىكىدىن تەستىقلانغان بولىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قورال – ياراغ سېتىپ بېرىشنى توڭلىتىپ قويغان بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىسىرغا ھەربىي ياردەم بېرىشنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر