ئانادولۇ سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى كۆرگەزمىسى كونيادا ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيەنى پۈتكۈل جاھانغا تونۇشتۇرۇش نىشان قىلىنغان ئانادولۇ سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىسى كونيادا ئۆتكۈزۈلدى.
232318
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇنىڭ رەپىقىسى سارە داۋۇتئوغلۇمۇ قوللاش يۈزىسىدىن كۆرگەزمىگە ئىشتىراك قىلدى.
ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ۋە چەت ئەللەردە نۇرغۇنلىغان كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان زامانىۋى كىيىم - كېچەك لايىھەلىگۈچىسى زەينەپ قارتالنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق كۆرگەزمىسىگە كونيادىن كېيىن پارىژ، لوندون ۋە نىيۇ يورك ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.
قارتالنىڭ ئانادولۇ كىيىم - كېچەك پاسونلىرىغا ئاساسەن لايىھەلەپ چىققان ۋە 30 تۈرلۈك كىيىم – كېچەكتىن تەشكىل تاپقان كۆرگەزمىسىدە، سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ بايرىقىدىن ئورۇن ئالغان ئاق رەڭنىڭ كىيىم – كېچەكلەردە كۆپ ئىشلىتىلىشى دىققەت قوزغىدى.