پولشا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە تىنچلىق قىسمى ئەۋەتىشنى قوللايدۇ

پولشا پىرېزىدېنتى كىيېۋدە پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە تىنچلىق قىسمى ئەۋەتىشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

231940
پولشا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە تىنچلىق قىسمى ئەۋەتىشنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا پىرېزىدېنتى برونىسلاۋ كوموروۋسكى ئىككى كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدە پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىندى.
پولشا پىرېزىدېنتى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە تىنچلىق قىسمى ئەۋەتىلىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇنىڭ ناھايىتى قىيىن باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوخشىمىغان پوزىتسىيە تۇتقان ئەھۋالدىمۇ، پولشانىڭ تىنچلىق قىسمى ئەۋەتىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەرەپلەر رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ داۋام قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئورتاق قاراشلىرىنى بىلدۈردى. كۆرۈشۈشلەردە يەنە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ۋە تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
ئۇكرائىنا بىلەن پولشا كۆپ دۆلەت قىسىملىرى قاتناشقان ھەربىي تەلىم - تەربىيە مانېۋىرىغا بىرلىكتە قاتنىشىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر