خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى دائېشنى سوتلىيالمايدۇ

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) سۈرىيە بىلەن ئىراق «رىم كېلىشى» گە ئەزا ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنى سوتلاش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

232012
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى دائېشنى سوتلىيالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى فاتۇ بېنسودا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دائېشنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراقتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىدىغان «رىم كېلىشىمى» گە ئەزا بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن دائېشنى سوتلاش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.
فاتۇ بېنسودا دائېشنىڭ رايوندا ئۆتكۈزگەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرزلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. بىراق، ئۇ بۇ مەسىلىلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭمۇ تەلەپتە بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
1998 – يىلى 17 – ئىيۇل «رىم كېلىشىمى» نىڭ ئىمزالىنىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ۋە 2002 – يىلى 1 – ئىيۇل ئىرقىي قىرغىنچلىق، ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت، ئۇرۇش ۋە ھۇجۇم جىنايەتلىرى توغرىسىدا رەسمىي خىزمەت باشلىغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن جىنايەتلەرنىلا سوتلاش ھوقۇقىغا ئىگە.
شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى 2014 – يىلى دائېش ھۇجۇملىرىنڭ «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر