ئىران رايون دۆلەتلىرى بىلەن كېڭەشمەكتە
ئىران يەمەن مەسىلىسىدە رايون دۆلەتلىرى بىلەن كېڭەشمەكتە.
231572
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف، يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇممان ۋە پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن كېڭىشىدۇ.
زارىف ئالدى بىلەن ئۇمماندا، ئارقىدىن پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ.
ئىران تاراتقۇلىرى زارىفنىڭ زىيارىتىنى، «تېھراننىڭ 1 +5 دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىنكى رايونلۇق دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ باشلانغۇچى» تەرىقىسىدە خەۋەر قىلدى.
پاكىستانمۇ ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسلامئابادتىن يەمەنگە قارىتىلغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە ھەسسە قوشۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.