موسكۋادا سۈرىيە ئۈچۈن 2 - قېتىم يىغىن چاقىرىلدى

رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا 2 – قېتىم ئېچىلغان «سۈرىيە يىغىنى» غا قاتناشقان قوزغىلاڭچىلار بۈگۈن (8 – ئاپرېل) مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ ئومۇمىي دائىرىسىنى بەلگىلەپ چىقتى.

230700
موسكۋادا سۈرىيە ئۈچۈن 2 - قېتىم يىغىن چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا، مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئىشەنگەن سۈرىيەدىكى پۈتۈن تەرەپلەرنىڭ بۇ سىياسىي مۇساپىغا قاتنىشىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن ئالتە ماددىلىق تېكىست بار. تېكىستتە، دۆلەت ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇش، خەلق دۇچار بولۇۋاتقان تىراگېدىيەلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، دېموكراتىك ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خەلق دېموكراتىك دۆلەت تۈزۈمىگە ئۆتۈش، سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
تېكىستتىكى مەزكۇر ماددىلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كومىتېتلارنىڭ قۇرۇلۇشى تەكىتلەندى. يىغىننىڭ 3 – كۈنىدە سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەل جافەرى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشۈپ، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.
موسكۋادا 26- 29 – يانۋار كۈنلىرى ئارىسىدا ئېچىلغان 1 – قېتىملىق سۈرىيە يىغىنىغا، سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى خالىد خوجا ۋە بىرلەشمىنىڭ ئەزالىرى، رۇسىيە تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن مۇئاز ئەلخاتىپ، ھادى ئەلباھرا، ئابدۇلباسىت سەيدا، بەدىر جامۇس قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قاتناشقان ئىدى.
بەزى قوزغىلاڭچىلار يىغىننىڭ ھاكىمىيەت بىلەن ھاكىمىيەت سۆزلىشىۋاتقان قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر