ئامېرىكا، ياردەم خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا 4 نەپەر ياردەم خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولغان ھۇجۇملارنىڭ قاتتىق ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

229315
ئامېرىكا، ياردەم خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، سۈرىيە ۋە يەمەندىكى ھۇجۇملاردا خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ئاي جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىپلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا 4 نەپەر ياردەم خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولغان ھۇجۇملارنىڭ قاتتىق ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئۆلتۈرۈلگەن ياردەم خادىملىرىنىڭ سۈرىيەدە جەسەت توپلاش ۋە ئۇرۇشتىن قاچقانلارنى پاناھ جاي بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسى ئۆتىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
يەمەندىكى ياردەم خادىملىرىنىڭ بولسا، ياردەم پائالىيىتى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان ئەسنادا مەرگەنلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياردەم خادىملىرى ئۆلتۈرۈلگەندە ئۈستىدە قىزىل كرېست ۋە قىزىل ئاي فورمىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا، «بارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە ئىنسانپەرۋەر ياردەم خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلدى.
خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئالدىنقى ھەپتە، يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىدە يارىدارلارنى قوتقۇزۇشقا تىرىشىۋاتقان يەمەن قىزىل ئاي جەمئىيىتى خادىملىرىدىن خالىد ئەھمەد باھۇزائىم بىلەن قېرىندىشى مۇھەممەد ئەھمەد باھۇزائىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە بولسا، سۈرىيە ئەرەب قىزىل ئاي جەمئىيىتى خالىسانە خادىملىرىدىن ئىبراھىم ئىيد بىلەن مۇھەممەد ئەھمەد كامۇئانىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتقان ئەسنادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر