غەززە دائېشنىڭ قولىدىكى يەرمۇك لاگېرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

غەززە خەلقى خەلقئارانى دائېشنىڭ قولىدىكى يەرمۇك لاگېرىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

227386
غەززە دائېشنىڭ قولىدىكى يەرمۇك لاگېرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىكلەر سۈرىيەدە دائېش تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرىدىكى تىراگېدىيەلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.
ھاماسنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا قاتناشقان يۈزلەرچە پەلەستىنلىك، يەرمۇكتىكى مۇساپىرلارنىڭ قوغدىلىشىنى ۋە لاگېردىكى توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىشتا سۆز قىلغان ھاماس مەسئۇللىرىدىن ئەبۇ خالىد ئەبۇ ئەسكەر، خەلقئارانى لاگېردىكى مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ، لاگېردىكى مۇساپىرلار ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە بەرپا قىلىنغان يەرمۇك مۇساپىرلار لاگېرى، 3 يىلدىن بېرى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. دائېش مىلىتانلىرى شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن، تۈنۈگۈن لاگېرنىڭ كۆپ قىسمىنى تارتىۋالدى.
توقۇنۇشلاردا مۇساپىرلار بولۇپ 26 ئادەم ئۆلدى، 25 ئادەم يارىلاندى، لاگېردىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ قالغانلار، توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ ئېلان قىلىنغاندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بىخەتەر بولمىغان بۇ لاگېردىن 2000 مۇساپىر تارقاقلاشتۇرۇلدى. سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ پەلەستىن مۇساپىرلار لاگېرى بولغان يەرمۇكتا، ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى 950 مىڭ كىشى بار ئىدى، كېيىنكى كۈنلەردە بولسا، دائېشنىڭ تەھدىتى سەۋەبىدىن، بۇ يەردىكى مۇساپىرلارنىڭ سانى 18مىڭغا چۈشۈپ قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر