ئوباما جوناتان ۋە بۇخارى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما نىگېرىيە پىرېزىدېنتى گۇدلاك جوناتان ۋە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان مۇھەممەد بۇخارى بىلەن ئايرىم – ئايرىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

221869
ئوباما جوناتان ۋە بۇخارى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئوبامانىڭ سايلاملاردا نامايەن قىلغان لىدېرلارچە روھى ئۈچۈن جوناتان بىلەن بۇخارىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئوباما پىرېزىدېنت جوناتان ۋە تەرەپدارلىرىنى سايلام نەتىجىسىنى تىنچ ئۇسۇلدا قوبۇل قىلىشقا چاقىرىپ، نىگېرىيە ۋە خەلقىگە سىياسىي ئۇتۇقلىرى يۈزىسىدىن يۇقىرى باھا بەردى. پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان بۇخارىنىمۇ غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن ئوباما، سايلام مۇساپىسىنى تىنچلىقپەر پوزىتسىيەسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ھەر ئىككى رەھبەرگە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان ئوباما، ۋاشىنتگوننىڭ بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە نىگېرىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر