«2014 – يىللىق ئۆلۈم جازالىرى» دوكلاتىدا خىتاي «بىرىنچى» بولدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «2014 – يىللىق ئۆلۈم جازالىرى» دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

290398
«2014 – يىللىق ئۆلۈم جازالىرى» دوكلاتىدا خىتاي «بىرىنچى» بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دۆلەتلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى؛ دوكلاتتا، خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنى مەخپىي تۇتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېنىق ساننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ قىيىن بولغانلىقى، لېكىن، ھەر يىلى مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، پات – پاتلا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. تىزىملىكتە خىتايدىن قالسا رەت تەرتىپى بويىچە كەم دېگەندىمۇ 289 ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئىران، 90 ئۆلۈم جازاسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە 61 ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئىراق ئورۇن ئالدى.

بەشىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بولسا، 35 ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

دوكلاتتا، خىتايغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابقا قاتمىغاندا، 2014 – يىلى دۇنيا مىقياسىدا 607 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە مىسىر بىلەن نىگېرىيەنىڭمۇ يېقىنقى يىللاردا كۆپلەپ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە باشلىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر