«تۇنىستا مۇزېيغا ھۇجۇم قوزغىغۇچى ئۆلتۈرۈلدى»

تۇنىستا مۇزېيغا ھۇجۇم قوزغىغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

286484
«تۇنىستا مۇزېيغا ھۇجۇم  قوزغىغۇچى ئۆلتۈرۈلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىستتا مەيدانغا كەلگەن مۇزېي ھۇجۇمىدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ئاشقۇن گۇرۇھلارغا قاتتىق زەربە بەرگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى. تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى گافسا شەھىرىنىڭ سىدى ئىيىش رايونىغا قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، مۇزېي ھۇجۇمىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيبىلەنگەن لوقمان ئەبۇ ساقھار بولۇپ جەمئىي 9 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
پايتەخت تۇنىستىكى باردو مۇزېيىغا 18-مارتتا قىلىنغان ھۇجۇمدا 20سى ساياھەتچى، بىر ساقچى، 2سى زوراۋان بولۇپ جەمئىي 23 ئادەم ئۆلگەن، 47 ئادەم يارىلانغانىدى.
بۇ ئارىلىقتا، باردو مۇزېيغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقستىدە پايتەخت تۇنىستا بۈگۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر