ناتونىڭ قارا دېڭىزدىكى مانىۋېرى ئاخىرلاشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ قارا دېڭىزدا ئۆتكۈزگەن مانىۋېرى ئاخىرلاشتى.

275845
ناتونىڭ قارا دېڭىزدىكى مانىۋېرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو دائىمىي دېڭىز گۇرۇپپىسى SNMG-2، ئىتتىپاقنىڭ كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىش ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە قارا دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 4 – مارتتىن بۇيان قارا دېڭىزدا تۇرۇۋاتقان SNMG-2 گە قاراشلىق پاراخوتلار، كۆپ قاتلاملىق تەھدىت پەيتلىرىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۈچ پەرقلىق تۈر بويىچە مەشىق ئېلىپ باردى.

دېڭىز گۇرۇپپىسى تۈركىيە، بۇلغارىيە ۋە رومېنىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھاۋا، سۇ يۈزى ۋە سۇ ئاستى مۇداپىئە مەشىقى ئېلىپ باردى. ئامېرىكىلىق دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى براد ۋىليامسون قوماندانلىقى ئاستىدىكى دېڭىز گۇرۇپپىسىدا تۈرك ئۇرۇش پاراخوتى TCG تۇرگۇت رەئىسمۇ ئورۇن ئالدى.

دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى براد ۋىليامسون، SNMG-2 نىڭ نامايەن قىلغان ئىقتىدارىدىن ئىپتىخارلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە كۈچىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر