ياخۇ خىتايدىكى تەتقىقات مەركىزىنى تاقايدۇ

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان ياخۇ خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىكى تەتقىقات مەركىزىنى تاقايدۇ.

272385
ياخۇ خىتايدىكى تەتقىقات مەركىزىنى تاقايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي جۇڭگو پوچتا گېزىتى ياخۇنىڭ قىسقارتىش پىلانى دائىرىسىدە بېيجىڭدىكى تەتقىقات مەركىزىنى تاقاش قارارى ئالغانلىقىنى، تەخمىنەن 350 ئادەمنىڭ ئىشتىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ياخۇ ئېلان قىلغان باياناتتا، شىركەتنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى ئۈچۈن ئىزچىل ئىسلاھ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خىزمەتچىلەرگە ئالدىن بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى. باياناتتا يەنە، ياخۇنىڭ كالىفورنىيە سانۋالې شەھىرىدىكى مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئورۇنلىرىدا قىسقارتىش ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بار خىزمەتچىلەرگە ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ياخۇ شىركىتى 2009 – يىلى ئۈچ تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرىنى بېيجىڭدا ئاچقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر