ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەيىبلىدى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

265275
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە تۇرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ۋەھشىيلەرچە قىيىن-قىستاق قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە تۇرمىلىرى ۋە ئىشغالىيەت لاگېرلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەر قىيىن-قىستاق ئاستىدا تۇرماقتا، بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈشتىن ئاجىز قېلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»
پەلەستىن ئەسىرلەر ۋە قويۇپ بېرىلگەنلەر كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئىسرائىلىيە تۇرمىلىرىدا قىيىن شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقان 20سى ئايال 230ى بالا بولۇپ جەمئىي 6500دىن ئارتۇ پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىشى سەۋەبىدىن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك بولۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئېرىشىشتە قاتتىق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا: «ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەت ئەسىرلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ يوقلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، ساقچى ئىتلىرى بىلەن تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىش ۋە مەھبۇسلارغا سەھىيە مۇلازىمەتلىرى بەرمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا.» دېيىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئۈستىدە ھېچقانداق ئەدلىيە خىزمەتلىرى ۋە سوتلاش ئېلىپ بارمايلا سابىق پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ 65تىن ئارتۇق سىياسىي شەخسلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، بۇ قىلمىشلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا، دېموكراتىيەگە، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىغا زىت ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر