دائېش جاسوس باھانىسى بىلەن يەنە 9 كىشىنى ئۆلتۈردى

دائېش 9 كىشىنى جاسوسلۇق قىلىش بىلەن ئەيبىلەپ ئۆلتۈردى

264299
دائېش جاسوس باھانىسى بىلەن يەنە 9 كىشىنى ئۆلتۈردى

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان مەلۇم بىر گېزىت دائېشنىڭ 9 كىشىنى جاسوسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
كىشىلەر ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى جاسوسلۇق قىلغانلىقىنى ئىقرا قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 9 كىشى پۇت-قوللىرى باغلاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى.
ۋىدىئودىكى يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان دائېش قوماندانى ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا خىيانەت قىلغانلىقلىرىنى ۋە دائېشنىڭ بازالىرىنى كۆزەتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى. بۇ ۋەقەنىڭ قەيەردە يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلمىدى.
دائېش ئۆتكەندە ئىسرائىلىيە جاسوسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ياشنى، 10 ياشلىق بىر بالىغا ئۆلتۈرگۈزگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر