بوسنىيە – گېرىتسېگوۋىنادا 5 تېررورلۇق گۇماندارى قولغا ئېلىندى

گۇماندارلاردىن 3 كىشى ئۆزى ياسىغان بومبىلارنى چېگرادىن ئۆتكۈزۇشكە ئۇرۇنىۋاتقان پەيتتە تۇتۇلدى. قالغان 2 سى پايتەخت سارىيىۋودا قولغا ئېلىندى.

263312
بوسنىيە – گېرىتسېگوۋىنادا 5 تېررورلۇق گۇماندارى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنا تەكشۈرۈش ۋە مۇداپىئە قىلىش ئاگېنتلىقىغا تەۋە ئالاھىدە ساقچى قىسىم تېررولۇق جىنايەتلىرىگە چىتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 5 كىشىنى قولغا ئالدى.
گۇماندارلاردىن 3 كىشى ئۆزى ياسىغان بومبىلارنى چېگرادىن ئۆتكۈزۇشكە ئۇرۇنىۋاتقان پەيتتە تۇتۇلدى. قالغان 2 سى پايتەخت سارىيىۋودا قولغا ئېلىندى.
تۇتۇش ھەرىكىتى بوسنىيە - گېرىتسېگوۋىنا گوللاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى.
شىۋېتسىيە ساقچىسى بولسا، قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ تېررولۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋېتى يوقلۇقىنى، مافىيا ۋە لوكچەك گۇرۇپپىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گۇماندارلار بوسنىيە – گېرىتسېگوۋىنا ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، بوسنىيە – گېرىتسېگوىنا تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر