«ئىسرائىلىيەگە قارشى چىققۇچىلارنى ئۆلۈم بىلەن جازالىشىمىز كېرەك»

ئىسرائىلىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ ئىرقچىلىق قىلمىشلىرى ئەۋجگە چىقتى.

260278
«ئىسرائىلىيەگە قارشى چىققۇچىلارنى ئۆلۈم بىلەن جازالىشىمىز كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە 17-مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلاملىرىدىن ئىلگىرى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرگەن رادىكال ئوڭچىل پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئىرقچىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ مايىللىقىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا.
بۇ رەھبەرلەرنىڭ ئىچىدە ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئۆيىمىز ئىسرائىلىيە پارتىيەسى باشلىقى ئاۋىگدور لىبېرمان ئەڭ كۆپ بۇ قىلمىشىنى سادىر قىلماقتا.
مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ئەرەبلەرنىڭ داۋاملىق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن لىبېرمان: «ئىسرائىلىيە ئۇلارنى ئۆلۈم بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى. ئىرقچى مىنىستىر ئۆتكەندىمۇ «ئىسرائىىليەدىكى ئەرەبلەر ئىچىدە بىزگە قارشى چىققانلار بولسا ئۇلارنىڭ بېشىنى پالتا بىلەن ئېزىۋېتىشىمىز كېرەك» دېگەنىدى. بۇگەپلەرگە قارىتا پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان ھەققىدە «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى» تەلەپ قىلدى.
پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لىبېرماننىڭ « بىزگە قارشى چىققانلار بولسا ئۇلارنىڭ بېشىنى پالتا بىلەن ئېزىۋېتىشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنى دائېشنىڭ قىلمىشلىرىغا ئوخشىتىپ، «بارلىق دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىسرائىىليە ھۆكۈمىتىنى ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان دائېشچى لىبېرماننى تۇتۇشقا ۋە بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز»دەپ بايانات بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر