ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەش كىرىزىسى يۈز بەردى

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلىشى سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.

256517
ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەش كىرىزىسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەش كىرىزىسى يۈز بەردى.
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالستروم ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.
شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «SVT» ئەسلىدە مارگوت ۋالسترومنىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىدىغان بولغانلىقىنى، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا شىۋېتسىيە بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى قورال كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلمىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسەتتى.
مارگوت ۋالستروممۇ مەزكۇر تېلېۋزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىشى تۈپەيلى سۆز قىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىمىزگە ئىنتايىن قاتتىق نارىزىلىق بىلدۈرۈشتى» دېدى.
مارگوت ۋالستروم ۋە ھادىسىلەردىن ئىنتايىن ئۈمىتسىزلەنلگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقىنىمۇ ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسترومنىڭ تېخى يېقىندىلا سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر ئىنتېرنېت يازغۇچسىنىڭ پەيغەمبەرگە ھاقارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەبىيلىنىپ قامچا جازاسىغا تارتىلغانلىقىنى ھەمدە سوئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئاياللار ھەق – ھوقۇقى مەسلىسىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر