يەمەندە ھۇسىلار بىلەن قەبىلە ئەزالىرى ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى

يەمەندە ھۇسى شىئەلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدىن بۇيانقى 4 ئاينىڭ مابەينىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا.

254244
يەمەندە ھۇسىلار بىلەن قەبىلە ئەزالىرى ئارىسىدا توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلبەيدا شەھىرىدە قەبىلە ئەزالىرى بىلەن توقۇنۇشقان 7 ھۇسى ئۆلدى؛ توقۇنۇش بىر گۇرۇپپا قەبىلە ئەزاسىنىڭ ھۇسىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى.

ھۇسىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئەلبەيدا شەھىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىغا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىكى شەھەرلەرگە ئۆتۈش ئېغىزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەھەر بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قەبىلە ئەزالىرى بىلەن ھۇسىلار ئارىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يەمەن پىرېزىدېنتى مەنسۇر ھادى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنى يەمەندىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىيالوگنىڭ رىيادتا داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى. ھادىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىق سارىيى ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىجابىي ئىنكاس قايتۇردى.

يىغىننىڭ ۋاقتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ھادى ھۇسىلارنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا دەسلەپتە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن، ئارقىدىن ئىستىپاسىنى قايتۇرۇۋالغانىدى. پىرېزىدېنت ھادى ئۆيىدىن چىقىپ، ئەدەنگە بېرىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغاندىن بۇيان يەمەندىكى ئەھۋاللارنى ئۇ يەردە تۇرۇپ باشقۇرۇشقا تىرىشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر