رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئېچىلدى

مىسىر ھۆكۈمىتى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى كېسەللەر ۋە ئىنسانپەرۋەلىك ياردەملىرى ئۈچۈن ئىككى كۈنلۈك قوش يۆلۈنۈشتە ئېچىۋەتتى.

254709
رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە چېگرا ئېغىزلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ماھىر ئەبۇ سۇبھا، بۈگۈن (9 – مارت) ئەتىگەندىن باشلاپ، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئونلارچە ئادەمنىڭ چېگرادىن ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋى سەۋەبىدىن غەززەنىڭ «دۇنياغا ئېچىلىدىغان بىردىنبىر چېگرا ئېغىزى» بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە رەفاھ، 2013 – يىلى مىسىردا يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، پات – پات تاقىلىپ تۇرماقتا.
مىسىر ھۆكۈمىتى 2014 – يىلى 24 – ئۆكتەبىردە سىنا ۋىلايىتىدە ئىككى بىخەتەرلىك نۇقتىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، «تېررورلۇقنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندا ئۈچ ئايلىق ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان ۋە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر