يەمەن مۇداپىئە مىنىستىرى قېچىپ كەتتى

يەمەن مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

253306
يەمەن مۇداپىئە مىنىستىرى قېچىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ھۇسى مىلىتانىلرى تەرىپىدىن ئۆيى قورشاۋ ئاستىدا قالغان مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال مەھمەد ئەسۇبەيھىنىڭ ئادەنگە قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
سۇبەيھىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر قوماندان، ھۇسىلەر تەرىپىدىن پايتەخت سانئادا ئۆيى قورشاۋ ئاستىدا قىلغان سۇبەيھىنىڭ ئۆيدىن قېچىپ ئادەنگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
قوماندان بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى، رەسمىي دائىرىلەرمۇ بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئېنىق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ھۇسى مىلىتانلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى مەھمۇد ئەس سۇبەيھىنىڭ پايتەخت سانئادىكى ئۆيىنى 2015-يىلى 24-يانۋاردىن بۇيان قورشاۋغا ئېلىۋالغانىدى. ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان كىرزىسكە سەھنە بولغان يەمەندە ھۆكۈمەت بىلەن پىرىزىدېنت ھادى يانۋار ئېيىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىشىدىن كېيىن ھۇسىلەر 6-فېۋرالدا پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى. ھۇسىلەرنىڭ سىياسەتكە مۇداخىلە قىلىشىنى باشقا سىياسىي كۈچلەر «سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ تەرىپلىمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر