ئىسرائىلىيەدە  نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيەدە خەلق 17-مارتتىكى يەرلىك سايلاملاردا نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە ئاۋاز بەرمەسىلىككە چاقىرىلدى.

253094
ئىسرائىلىيەدە  نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئون مىڭلارچە ئادەم بۇنيامىن نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدا ئون مىڭلارچە خەلقنى ئادەم 17-مارتتىكى سايلاملاردا نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە ئاۋاز بەرمەسلىككە چاقىردى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئوخشىمىغان پارتىيەلەرنىڭ ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، نامايىشتا «ئىسرائىلىيە ئىسلاھاتقا مۇھتاج» دېگەن شوئارلار توۋلاندى.
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نېتانياھۇنىڭ ئىران تەھدىتىنى مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موسادنىڭ سابىق باشلىقى مېيىر داگانمۇ نامايىشتا سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ تاشقى سىياسەتتە سۈركىلىش پەيدا قىلىش ئەمەس، ئىسرائىلىيەنىڭ مائارىپ، سەھىيە ۋە قونالغۇ ساھەلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر