مالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلدى

مالىنىڭ پايتەختى باماكودا بىر رېستوران نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

252020
مالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازا قىلغانلاردىن ئىككىىسنىڭ مالىلىق، قالغان ئىككىسىنىڭ فىرانسىيە ۋە بېلگىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.
ساقچى تەرەپ، ۋەقەنىڭ تۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكلىرىنى جاكارلىدى.
ۋەقەدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ باماكو باش ئەلچىخانىسى ۋەتەنداشلىرىغا مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە سىرتقا چىقماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر