بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۇبىي سۇدانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ق

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، جەنۇبىي سۇداندا تىنچلىق باسقۇچىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلارغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قارار لايىھەسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى.

247294
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۇبىي سۇدانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان قارار لايىھەسىدە ھازىرچە رايوندا توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئىسمىگە ئورۇن بېرىلمىدى، بىراق بۇ قارار لايىھەسىنىڭ دۆلەتتىكى گۇرۇپپىلارنىڭ لىدەرلىرىگە دەرھال تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
قارار لايىھەسى ئارقىلىق، توقۇنۇشلار داۋاملاشقان تەقدىردە دۆلەتكە قورال - ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى، لىدەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
جەنۇبىي سۇداندا ھۆكۈمەت بىلەن پىرېزىدېنت سالۋا كىئىر ماياردىتكە قارشى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت رىئېك ماچارغا قاراشلىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقلىرىمۇ داۋاملاشماقتا.
ئىلگىرىمۇ ئۇدا ئىككى قېتىم بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان تەرەپلەر كېلىشىمنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانىدى. ئېفىيوپىيەدە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھازىرمۇ مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر